دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى بۇيىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىبلەشلەرگە ئاساسەن، خىتايدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى بولمىغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق دېتال، مۇزىكا، نەشرىيات ۋە باشقا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى خىتايدا خالىغانچە ئوغۇرلىنىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھەر يىلى تارتىۋاتقان زىيان بىر نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئەگەر دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق بولسا، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى خىتايغا بىرنەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جازا قويۇشى مۇمكىن.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى بۇيىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان چىقىرىپ، ھەرخىل كىيىم-كېچەك ياكى DVD ماركىلىرىنى ئوغۇرلايدىغان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپ ئەھۋاللارنى پاش قىلغۇچىلارغا 100 مىڭ يۇەن سۈيۈنچى بېرىلىدىغانلىقى جاكارلىدى. (ۋەلى)