ئۈرۈمچىدە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلماقچى

تېخى يېقىندىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھىرى مانا ئەمدى يەنە بىر خەلقئارالىق چوڭ يىغىننى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 30-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە يەر شارىدىكى 50 داڭلىق كارخانىدىن كەلگەن 70 تىن ئارتۇق ئەرباب ھەم بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ, ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى قېتىم ئېچىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىن بولۇپ، بۇنى خىتاي دۆلەتلىك ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەت گۇرۇپپىسى باشقۇرىدۇ، كونكرېت ۋەزىپىلەرنى شىنجاڭ ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ رەتلەش، پىلانلاش ئىشخانىسى زىممىسىگە ئالىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا خەلقئارادا داڭقى بار ئادىداس ، فورد , پاناسونىك ، دايمىلار-كىرىسلى , نوكىيا، باۋجى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.

نۆۋەتتە، خەلقئارا سودا ساھەسى ئەقلىي مۈلۈكلەرنىڭ قانۇنسىز كۆچۈرۈلۈش، سېتىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مەسىلە خىتاي بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبەتلىرىدىكى مۇھىم تېمىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتايمۇ جاۋابەن يېقىندىن بۇيان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. (ئۈمىدۋار)