سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۈنجى قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك سايلام ئېلىپ بېرىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى كىشىلەر پەيشەنبە كۈنى تۈنجى قېتىم شەھەرلىك كېڭەش ئەزالىرى سايلىمى ئېلىپ باردى. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىنى قۇبۇل قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سايلام جەمئىي ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن رىياد شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەندىن كىيىن، ئاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە باشقا رايونلاردا تەرتىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

سايلامدا خەلق ، كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېرىمىنى سايلاپ چىقسا، قالغان يېرىمىنى ۋە ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ شەھەر باشلىقلىرىنى سەئۇدى پادىشاھلىقى تەيىنلەيدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سايلامغا ئاياللار قاتناشتۇرۇلمىغان. تۆت مىليون نوپۇسقا ئىگە رىياد رايونىدىكى سايلامدا، بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە 600 مىڭ ئەرنىڭ ئىچىدە ئاران 149 مىڭى سايلامغا تىزىملاتقان . شۇنداق بولىشىغا قارىماستىن، غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان پادىشاھلىق تۈزۈمنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى سايلام سەئۇدى تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ باھا بەرمەكتە. (ئارزۇ)