ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
2004.11.21
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان خىتاي ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ رەئىسى جەيمىس لىچ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرگە قاتتىق قول دىنىي سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ئىسپات بەرگەن خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فۇشىچۇۋ ۋە خىتاي تۈرمىسىدە ئۇزۇن مەزگىل ياتقان تىبەتلىك راھىبە ناۋاڭ ساندىرول قاتارلىقلار خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى بايان قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان دىنىي زاتلارنى قويۇپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئەركىن شوغۇللىنىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئىسپات بەرگەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتىتىنىڭ رەئىسى پىرىتا بەنسىل خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە تەھدىد دەپ قاراپ، كونترول ۋە نازارەت ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ بەردى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ۋە تىبەتنىڭ مەركىزى لاسالادا ئامېرىكا كونسولخانىسى قورۇپ، بۇ رايۇنلاردىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى. (ئارزۇ)