پرېزىدېنت بۇش خىتاينى دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى


2005.05.31

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ تەكىتلىگەن پرېزىدېنت بۇش، " ئۈمىدۋار بىر جەمىيەتنىڭ دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ ئىھتىياجى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇش، خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سودا ئىختىلاپى كۈچىيىۋاتقان خىتاينى " دۇنياۋى سودىدا ئادىل يول تۇتۇشقا ئۈندەيمىز" دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر تەرەپتىن خىتاينى ئىقتىسادى پۇرسەت، دەپ قارايمىز، خىتاي بىلەن سودا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، بۇ يەردە بەزى پرىنسىپلار بار دىيىشتۇر." سودا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسۋىتىدىكى ئەڭ تالاش - تارتىش قوزغاۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرى چارلوس گۇتىرىز بىلەن ئامېرىكا باش سودا ۋەكىلى روب پورتمان 4 - ئىيۇندا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا باش سودا ۋەكىلى پورتمان، " بىز خىتاي بىلەن جىددى سودا مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.