بۇش: ھەر قانداق بىر ئۈمىدلىك جەمئىيەتتە دىن ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك
2005.06.01
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئالاھىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئەسكەرتىش بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە "ھەر قانداق بىر ئۈمىدلىك جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي ئەركىنلىكتىن سىرت يەنە، چوقۇم دىن ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىمۇ بولۇشى كېرەك"دەپ بىلدۈردى.
يىغىندا بۇش يەنە تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ توختىلىپ، نۆۋەتتىكى ئىككى قىرغاق جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ، ئامېرىكا چوقۇم يۈزلىنىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، شۇنداقلا ئىككى قىرغاقنى رايوننىڭ تىنچلىقىنى ساقلاپ، مەسىلىنى تىنچ يولدا بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى.
بۇش يەنە، خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەم دوست ھەم رىقابەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتە قىلغان ۋەدىلىرىگە بويسۇنۇپ، باراۋەر ۋە ئادىل ئېكىسپورت ئۇسۇلى بىلەن دۇنيا بازىرىغا يۈزلىنىشى كېرەكلىنى تەكىتلىدى.
پرېزىدېنت بۇش يەنە، خىتاينىڭ دۇنيا سودا بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا يەنە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش خىتاينى دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
- پرېزىدېنت بۇش، گروزىيىدىكى دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسىنى ماختىدى
- خەلقئارا ئاخبارات جەمئىيىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قول تىقماسلىققا چاقىردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا بېيجىڭنى خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى