ئىسپانىيە تىبەتنى قوللاش كومىتېتى، خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

ئىسپانىيە تىبەتنى قوللاش كومىتېتى، خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا، خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن ئىسپانىيە ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسپانىيە تىبەتنى قوللاش كومىتېتى، 27- ئىيۇن كۈنى ئىسپانىيىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىدە ئېچىلغان بەش كۈنلۈك بىر يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا، خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رە ئىسى جياڭ زېمىن ۋە سابىق باش مىنىستىرى لى پىڭ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن ئىسپانىيە ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ئاتاقلىق تىبەت سىياسىي ئۆكتىچىلىرى تاكما جىگما ساڭپۇ ۋە پالدىن گىياتسۇ خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز بېرىش، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىگە تېخىمۇ تارتىپ، خىتاي ھۆمۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن قاتتىق بېسىم بولىدۇ، دېدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىبەت سىياسىي ئۆكتىچىلىرى تاكما ۋە پالدىن يىغىندا تىبەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىكەن.

ئاتاقلىق تىبەت سىياسىي ئۆكتىچىسى تاكما، 79 يىللىق ئۆمىرىنىڭ يېرىمىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خەلقىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

پالدىن بولسا 33 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرىشى ھەققىدە " قار ئاستىدىكى ئوت" ناملىق بىر كىتاب يازغان. ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. پالدىن، كىتابىدا تىبەت شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، " خىتاي قارغا ئوخشاش ئۈستىمىزگە يىغىۋاتىدۇ. مەن قار ئاستىدا ھېلىمۇ يالقۇنلاۋاتقان بىر پارچە ئوت" دېدى. (قانات)