ئامېرىكا ئارىزونا شتاتىنىڭ چاندلېر شەھىرىگە جايلاشقان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت - مىكروچىپ تېخنولوگىيە شىركىتى، چارشەنبە كۈنى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى خىتاينىڭ بىر شىركىتىنىڭ قانۇنسىز كۆپەيتىپ تارقاتقانلىقىنى ھەمدە مۇشۇ ۋەجىدىن خىتاينىڭ بۇ شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مىكروچىپ تېخنولوگىيە شىركىتى خىتايدىكى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان خەيېر گۇرۇھىغا تەۋە شاڭخەي خەيېر توپلاشتۇرۇلغان توكيولى شىركىتىنى ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، شاڭخەي 2- ئوتتۇرا خەلق سودىغا ئەرز سۇندى.
ئەمما، مەزكۇر ئەرزنامىنىڭ تەپسىلاتى ۋە تەلەپ قىلىنغان تۆلەم ھەققىدە تولۇق مەلۇمات تېخى ئاشكارىلانمىدى.
"ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بولسا شىركىتىمىز ۋە سانائىتىمىز ئۈچۈن تايانچ كۈچ" دەيدۇ، مىكروچىپ تېخنولوگىيە شىركىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋىليام ياڭ. ئۇ يەنە: "ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىمىزنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغانكەنمىز، ئۆز بايلىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشىمىز بەك مۇھىم" دېدى.
لېكىن شاڭخەي خەيېر شىركىتى بۇ ھەقتە توختالمىدى.
مىكروچىپ تېخنولوگىيە شىركىتى يەنە، خەيېر توپلاشتۇرۇلغان توكيولى شىركىتىنى مىكروكونتروللىغۇچ تېخنىكىسىنى قانۇنسىز ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلىگەن.
مىكروكونتروللىغۇچ، سانائەت ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل، تېلېگراف ۋە سانائەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. (جۈمە)
