خىتاي، ئېفىئوپىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2007.04.26
سەيشەنبە كۈنى ئېفىئوپىيەگە جايلاشقان بىر خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىتلىككە قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 74 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. پەيشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇم خىتاينىڭ ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى توسۇپ قالالمايدىكەن. لېكىن خىتاي بىخەتەرلىك ۋاستىلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 26 - ئاپرىلدا بەرگەن خەۋېرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەن چياۋ: "ھۆكۈمىتىمىز ئۆز كارخانىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى باراۋەرلىك ۋە ئۆز - ئارا مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئافرىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئۆزگەرمەس سىياسىتىمىز،" دېگەن.
خىتايلار ئافرىقىدىن كىرىدىغان خام نېفىت ئىمپورتى ئارقىلىق، سىياسى جەھەتتە داۋالغۇش كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا شەرقتىن كىرگۈزۈلىدىغان نېفىتقا تايىنىپ قىلىشتىن ساقلانغان ئىدى.
ئېفىئوپىيەنىڭ نېفىت تۈرىگە مەبلەغ سالغان خىتاي نېفىت-خىمىيە شىركىتى باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: "ئافرىقىدىكى خەتەردىن قورقۇش سەۋەبلىك، ئافرىقىدىن ھەرگىز چېكىنىپ چىققايمىز." سەيشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم، ئېفىئوپىيەدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تۇنجى ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى بولۇپ، ئەمما ئافرىقا قىتئەسىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە قىلىنغان بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇملارنىڭ بىر قىسمى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ ئافرىقىدا مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا
- خىتاي بىلەن سۇدان ھەربىي ھەمكارلىقىنى بارغانسىرى كۈچەيتمەكتە
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ھىندىستان ۋە لىۋىيەلەردە نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان
- خىتاي دۇنيا ئېنېرگىيىسىگە تەھدىت سالماقتا
- كوندالىزا رايىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدانغا دارۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كېنىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
- ئامېرىكا خىتاينى سۇدان مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقا زىيارىتى جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا