يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىگەن 6 خىتاينى قولغا ئالدى


2006.05.25

يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى، خىتايدىن قىممىتى 85 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى يۆتكىگەن 6 نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئالدى.

يېڭى زېلاندىيە تاموژنا ۋە ساقچى خادىملىرى يېقىندا ، خىتاينىڭ ئېلان بېشى گۇرۇھىغا تەۋە بولغان پاراخوتتىن 150 كىلو چاكاندا يىلتىزى بايقىغان، زەھەرلىك چېكىملىك ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ماددىلاردىن بىرى بولغان چاكاندا يىلتىزىنى يېڭى زېلاندىيىگە ئېلىپ كەلگەنلەر زېلاندىيىلىك ئىككى خىتاي مۇھاجىرى، بىر خوڭكوڭلۇق ۋە ئۈچ خىتاي پۇقراسى ئىكەن.

تاموژنا خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېڭى زېلاندىيىدە تۇنجى قېتىم قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەڭ كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك ماددا بولۇپ، بۇنى يېڭى زېلاندىيە بازىرىدا سېتىش ئۈچۈن بىر قانچە ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن. تاموژنا خادىمى سۆزىدە يەنە، مەزكۈر زەھەرلىك ماددا قاچاقچىلىق ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادا جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان قارا گۇرۇھ تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، خىتايلارنىڭ چەتئەللەرگە قانۇنسىز ئادەم يۆتكەش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايەتلەرنى كۆپ سادىر قىلىۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.