ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىشىپ دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بەردى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىرلىكتە يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى باشلىغان ئىدى ، ب ب س نىڭ خەۋەر بېرىشىچە ، ھازىرغىچە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى دۆلەت ھالقىپ يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 25 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.

يۇمشاق دېتال ئانا دېسكىسىدىن 22نى ۋە 360 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كۆچۈرۈلگەن دىسكا ۋە باشقا ئەتكەس بويۇملىرى ۋە ئۇنىڭدىن ئىگە بولغان زاڭ ماللارنى بىرگە قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ ئومۇمىي قىممىتى 60مىليون يۇەندىن ئاشىدىكەن.

ئامېرىكا تەرەپمۇ يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكىگە دائىر 24 تۈرلۈك تەكشۈرۈش ھەمدە قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ ، ئىككى مىليون دوللار قىممىتىدىكى يۇمشاق دېتال ئەتكەس بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈرگەن، شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا ئۇۋا سالغان چېگرا ھالقىپ ئەتكەسچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جىنايەت گۇماندارلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلايدىكەن.

ئامېرىكا ‏- خىتاي ھەمكارلىقىدىكى بۇ ھەرىكەت دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىپ قوزغالغان دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن. (گۈلچېھرە)