ياپونىيە ساقچىلىرى 4 نەپەر خىتاينى زەھەر ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى


2007.08.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

13 ئاۋغۇست كۈنى ياپون ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياپون ساقچىلىرى 4 نەپەر خىتاي زەھەر ئەتكەسچىسىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مىقدارى، ئۆتكەن بىر يىلدا پۈتۈن ياپونىيە مىقياسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىن كۆپ ئىكەن.

ئوساكا ساقچىلىرى، بىر نەپەر 42 ياشلىق خىتاي ئايال، ۋە باشقا ئۈچ نەپەر خىتاي ئەر ھەم 155 كىلوگرام روھلاندۇرغۇچى دورا ، 280 كىلوگرام نەشە، 680 مىڭ تال ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ( خۇدىنى يوقىتىش) دورىسى، قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئوساكا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دېلو، ئەسلىدە 20 - ئىيۇل تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ساقچىلار كانادادىن ئوساكا پورتىغا كەلگەن بىر يۈك ساندۇقىدىكى ياغاچ ماتېرىيالى ئارىسىدىن بۇ بىر تۈركۈم قانۇنسىز دورىلارنى بايقىغان.

ئالدىنقى دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە ساقچىلىرى، ساكاي شەھىرىگە جايلاشقان مال سېلىنغان ئادرېستىكى ئىسكىلاتقا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ۋە يۇقىرىقى 4 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى، زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، ھەم زەھەرلىك چېكىملىك سېتىش جىنايەت گۇماندارلىرى سۈپىتىدە قولغا ئالغان.

ياپونىيە دۆلەتلىك ساقچى ۋازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىك دېلوسى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى چوڭ دېلولارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .

ئەگەر، بۇ 4 نەپەر خىتاي پۇقراسى گۇناھكار دەپ ئىسپاتلانسا، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا تارتىلىدىكەن ۋە 840 مىڭ 560 دوللار جەرىمانە تۆلەيدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت