ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى ماجراسىغا ئاخىرقى چەك قويدى
2005.05.25
ياۋروپا ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن بولغان توقۇمىچىلىق ماللىرى ھەققىدىكى ماجراغا ئاخىرقى چەك قويۇپ، بۇ مەسىلىنى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئىككى تەرەپ غەيرىي رەسمىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى، بولمىسا بۇنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسسارى پېتېر ماندېلسوننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر غەيرىي رەسمىي سۆھبەتتە ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل بولمىسا، ئۇ چاغدا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. ئادەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتى رەسمىي سۆھبەتكە 90 كۈن ۋاقىت بېرىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھەل بولمىغان مەسىلىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
شۇنداقلا خىتاي تەرەپ توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ ئېكىسپورتىغا چەكلىمە قويمىغان تەقدىردىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپلىمىلىك چەكلىمە قويۇش ھوقۇقى بولىدىكەن.
توقۇمىچىلىق ماللىرىغا قويۇلغان خەلقئارالىق چەكلىمە بۇ يىل 1 - ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ماللىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىنى شىددەت بىلەن قاپلاپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىر بۇ دۆلەتلەردىكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، توقۇمىچىلىق ماللىرىغا بولغان ئېكىسپورت بېجىنى ئۆستەردى
- ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ تۆت خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا چەكلىمە قويدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى