ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
2005.07.14
خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى خوسېي مەنيۇل بوروسو پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
بوروسو خىتايدىكى بۇ تۇنجى زىيارىتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 25 دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئوخشاش تەكىتلەشكە تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
بوروسو سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا خېلى كۈچلۈك سېگنال بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىمىغىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا 16 يىلدىن بۇيان قوللىنىۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989 - يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايغا 15 يىللىق قورال ساتماسلىق جازاسىنى قويغان بولۇپ، گەرچە بۇنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن يىلى توشقان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بۇ جازانى تېخى بىكار قىلمىغان ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدا يېتەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋالسا بۇنىڭ ئىككى قىرغاق مۇقىملىقىغا تەھدىت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جازانى بىكار قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن.
ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوروسو سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 25 دۆلەتنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇتەخەسسىسلەر: چىڭخەيدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى زور
- ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي توقۇلما مەھسۇلاتلار مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
- ئامېرىكا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش مەسىلىسىدە بېيجىڭنى ئاگاھلاندۇردى
- پرېزىدېنت بۇش خىتاينى دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى