ياۋروپا ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى خىتاينى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى


2005.07.15

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى خۇسىي مانۇئىل بارروسو جۈمە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرىغا مۇقىملىقنى قوغداش شۇنداقلا ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بارروسو جۈمە كۈنى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، دېموكراتىيە خىتايدا 20 يىلدىن بېرى يولغا قويۇلىۋاتقان ئىقتىسادنى لىبىراللاشتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان كېرىم پەرقىدىكى ئىگىز - پەسلىكنى تەڭشەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بارروسونىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپالىقلار " ئەگەر يىتەرلىك سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تورمۇزلىنىش ياكى مۇقىمسىزلىقنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراش مۈمكىنچىلىكى مەۋجۇت،" دەپ قارايدىكەن.

بارروسو، "خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساقلاپ تۇرۇش - تۇرالماسلىقى، ئۇنىڭ سىياسى ئىسلاھات ئارقىلىق دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قانچىلىك يولغا قويۇشىغا باغلىق،" دەپ كۆرسەتتى.

بارروسو خىتايدىكى زىيارىتى پەيشەنبە كۈنى باشلانغان. ئۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بارروسو، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنى ب د ت نىڭ پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.