ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك سايلىمىنىڭ نەتىجىسى
2008.01.14
1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك سايلىمى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدىكى "بىر دۇنيا ئۆيى"دە ئۆتكۈزۈلدى. سايلامغا 150دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى. سايلام ناھايىتى ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سايلامغا 148 كىشى ئاۋاز قاتناشتۇردى. نەتىجىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 59 غا قارشى 88 ئاۋاز بىلەن يەنە بىر قېتىم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
©
2008 Radio Free Asia









