ياۋروپا پارلامېنتى خىتايدىن سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
ياۋروپا پارلامېنتىدىكى قانۇن تۈزگۈچىلەر پەيشەنبە كۈنى قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۆكتىچى زات خۇ جيا ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسى مەھبۇسلارنى "دەرھال" قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى باھانە قىلىپ، ئۆكتىچى زاتلار، مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلماسلىققا چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا 2007 - يىلى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ساخاروۋ پىكىر ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتى قارار لايىھىسىدە، "خىتاي دائىرىلىرى خۇ جىيانى دەرھال قويۇپ بېرىش كېرەك. چۈنكى ئۇ خالىغانچە قولغا ئېلىنغان، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى خۇ جيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،" دەپ كۆرسەتتى. قارار لايىھىسىدە يەنە " كىشىلىك ھوقۇققا بولغان دىققەت- نەزەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا مەركەزلەشتۈرۈش كۈچەيتىلىشى كېرەك،" دېيىلگەن .
قارار لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇنازىرىدە، بەزى ئەزالار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرگە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ياخشىلانمىغىچە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەۋسىيە قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىلىك ئەزاسى توماس مان " بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا 7 ئاي قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە،" دەپ تەكىتلىگەن. خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىپلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋىن خىتاي ۋە ھىندىستانغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى
- گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەتنى تارتتى
- لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى ھەققىدە پاراڭلار
- ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك سايلىمىنىڭ نەتىجىسى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
- ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ب د ت دا سۈرۈشتۈرۈلمەكتە
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى