ياۋروپا پارلامېنتى خىتايدىن سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى قانۇن تۈزگۈچىلەر پەيشەنبە كۈنى قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۆكتىچى زات خۇ جيا ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسى مەھبۇسلارنى "دەرھال" قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى باھانە قىلىپ، ئۆكتىچى زاتلار، مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلماسلىققا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا 2007 - يىلى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ساخاروۋ پىكىر ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتى قارار لايىھىسىدە، "خىتاي دائىرىلىرى خۇ جىيانى دەرھال قويۇپ بېرىش كېرەك. چۈنكى ئۇ خالىغانچە قولغا ئېلىنغان، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى خۇ جيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،" دەپ كۆرسەتتى. قارار لايىھىسىدە يەنە " كىشىلىك ھوقۇققا بولغان دىققەت- نەزەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا مەركەزلەشتۈرۈش كۈچەيتىلىشى كېرەك،" دېيىلگەن .

قارار لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇنازىرىدە، بەزى ئەزالار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرگە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ياخشىلانمىغىچە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەۋسىيە قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىلىك ئەزاسى توماس مان " بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا 7 ئاي قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە،" دەپ تەكىتلىگەن. خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىپلىمەكتە. (ئەركىن)