ئەخمەدىنىجاد بۇشنىڭ سۆزىگە قارشى ئىنكاس قايتۇردى

19 - سېنتەبىر نيۇ-يوركتا، ب د ت نىڭ 61 ‏- قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى تېررورلىقتىن خالى دۇنيا بەرپا قىلىشقا چاقىردى ۋە ئىران ھۆكۈمىتىنى ئىران خەلقىنىڭ ئازادلىقى، گۈللىنىشى ۋە ئامېرىكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشىدىكى "ئەڭ چوڭ توسالغۇ " دەپ كۆرسىتىپ، ئىران خەلقىگە قارىتىپ مەخسۇس سۆز قىلىپ " كەلگۈسىڭلاردىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ھاكىمىيىتىڭلارنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىڭلارنى ئىنكار قىلىشى ھەمدە دۆلەت بايلىقىڭلارنى تېررورچىلىق، ئەسەبىيلىك ۋە ئاتوم قوراللىرى تەرەققىياتىغا سەرپ قىلىشى" دېگەن ئىدى.

يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاد، سەيشەنبە كۈنى كەچتە جورجى بۇشنىڭ سۆزىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ "ئىراننىڭ ئاتوم پىلانى ناھايىتى ئاشكارا ھەمدە تىنچلىقنى ئاساس قىلغان" دېدى ۋە يەنە، كېڭەشتە قىلغان بايانىدا "ئەگەر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياكى ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىق قىلسا، بىر دۆلەتنى بېسىۋالسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەلقئارا بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ھەم قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قايسى ئورگىنى ئۇلارنى سوراققا تارتالايدۇ؟ دېگەن سوئالنى قويدى. (گۈلچېھرە)