بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ2007 - يىلدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان سىتاتىستىكىلىق دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە كۈنىگە 6مىڭ 800 ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سانلىق مەلۇماتلار يەنىلا دۇنيا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ ئىلگىرىكى 40 مىليوندىن 33مىليونغا تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
2007 - يىلى تەخمىنەن يېڭىدىن ئىككى يېرىم مىليون كىشى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئىككى مىليون 100 گە قەدەر كىشى ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلگەن.
سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلار سانى تۆۋەنلىگەندىن باشقا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭمۇ ئوخشاشلا تۆۋەنلىگەنلىكى بايقالغان.
ئافرىقىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ھەممىدىن ئېغىر، ئەمما ئاسىيا قىتئەسىنىڭ بەزى جايلىرى بولسا ئەيدىز ئەڭ تېز يامراۋاتقان جايلارغا ئايلانغان.
خىتاي بولسا دۇنيا بۇيىچە ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىر قەدەر كېيىن بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ ئون يىل ئىچىدە خىتاي بۇيىچە ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان جايغا ئايلاندى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇن خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، 1995- يىلىدىن بۇيان ھازىرغا كەلگۈچە ئۇيغۇر ئىلى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدا ئىزچىل ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولۇپ،، 2005- يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 9 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى سانى 6000 غا يېتىپ يۇقۇم ئەھۋالى كۈنىگە 17 كىشىدىن توغرا كەلگەن. (گۈلچېھرە)
