ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنى سىياسى مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شۇنداقلا پۇقرالارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خىتاينى ﺗەكشۈرۈش ئۆمىكى جۈمە كۈنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنى قانۇنى رەسمىيەتلەرسىز قولغا ئالغانلىقىنى شۇنداقلا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا يوللىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ كىشىلەرنى جازالىغاندا " جەمئىيەت تەرتىپىنى قايلايمىقان قىلىش" ، " دۆلەت بىخﻪتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش" دېگەنگە ئوخشاش چەك - چېگرىسى ئېنىق بولمىغان، ئۇقۇم جەھەتتىن مۈجىمەل ئاتالغۇلارنى كەڭ - كۆلەمدە قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
تەكشۈرۈش ئۆمىكى، پۇقرالارنىڭ ئىدىيە، سۆز دىنىي ۋە ئېتىقات ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، يىغىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئەركىنلىكىنىڭ تەقىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت ئۆمىكى 1996 - يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا بەرگەن بەزى تەكلىپلەرنىڭ ھىچ بىرى ھازىرغا قەدەر ئەمىلىلەشمىگەن. تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر، خىتايدا ھازىرغا قەدەر كىشىلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شۇنداقلا پۇقرالارنى جىنايى جاۋاپكارلىقتىن ساقلايدىغان قانۇن يوقلىقىنى تەنقىد قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغان ئىدى. (ئەركىن)