ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ئەيىبلىدى


2005.04.24

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ماچىمۇرا خىتاينىڭ تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەكشەنبە كۈنى ياپونىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، " بىر ياپونلۇق بولۇش نەزىرىم بىلەن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دەرسلىك كىتاپلىرى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا دېگەننى ئۆگىتىدۇ. بۇنداق خائىش ھەممە دۆلەتتە بار. بىراق، خىتاينىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا بۇ بەكلا ئاشۇرىۋېتىلگەن" دېدى.

بىراق ،ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇنىچىرو كويزومىنىڭ شەنبە كۈنى جاكارتادا ئىككى تەرەپ ئىختىلابىنى ھەل قىلىش يولىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە- خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئۇچرۇشۇشى، خىتايدا يېقىندا ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەندىن بۇيانقى تۈنجى قېتىمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. توكيونىڭ يېقىندا خىتاي تەرىپىدىن ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جىنايى قىلمىشلىرى پەدەزلەنگەن دەپ قارالغان تارىخ دەرسلىك كىتابىنى تەستىقلىشى، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپچى بولغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ شەنبە كۈنىدىكى ئۇچرۇشۇشتا، خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بىراق توكيونىڭ چوقۇم ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تارىخى ھەققىدە ئوبدان ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا، ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇنىچىرو كويزومى، ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغان ئىدى. ئەمما خۇجىنتاۋ، ياپونىيىنىڭ چوقۇم ئەمىلىي ھەرىكىتى بىلەن سەمىمىيىتىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.