نەئىم سۇلايمان خىتاينى تۈرك تەنتەربىيىچىلەرگە "قىلتاق" قۇيۇش بىلەن ئەيىبلىدى


2005.09.23

تۈركىيىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونى نەئىم سۇلايمان، تۈركىيىلىك تەنتەربىيىچىلەرنىڭ خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيىسى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى " خىتاينىڭ قىلتىغى،" دەپ ئەيىبلىدى.

نەئىم سۇلايلاننىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيىسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى 6 كىشىنىڭ تۆتى خىتاي، تايلاند، كانادا ۋە كورىيىلىكلەر بولۇپ، ئۇ، خىتاي تۈركىيىلىك چىمپىيونلارنى توختىتىپ قويۇش ۋەقەسىدە خەلقئارا فېدېراتسىيىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈردى، دەپ ئەيىپلىگەن.

خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيىسى يېقىندا تۈركىيىلىك چىمپىيونلاردىن خەلىل مۇتلۇ، ئايال چىمپىيونلاردىن تانەر ساغىر، رېيھان ئاراباچى، سادەت ئارتۇچلارنىڭ " روھلاندۇرۇش دورىسى" ئىشلەتكەن بولۇش مۈمكىنچىلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ 11 - ئايدا قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى بويىچە دۇنيا چىنپىيونلىقى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشىنى توختىتىپ قويغان.

تۈركىيىدە چىقىدىغان "تەرجىمان گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەئىم سۇلايمان "خىتاينىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدىكى بىردىن بىر رەقىبى تۈركىيە. بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدا غەلىبە قىلالايدىغان تۈرلەردىكى رەقىبىمىز خىتايلار، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا تۈركىيىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدىكى چىمپىيونلىقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ يولىنى توسىماقتىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.