خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىي جاۋشىڭ جۈمە كۈنى كۇئالا - لومپۇردا ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمىنىڭ ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشى سەۋەبىدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا ياپونىيە باش مىنىستىرى جاۋابكار بولۇشى كېرەك، دېدى. لىي جاۋشىڭ، " بىر دۆلەت رەھبىرى بۇزرۇكگاھنى زىيارەت قىلىپ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە تاۋاپ قىلسا بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ " دەيدۇ.
كويزۇمى بىلەن ۋېن جياباۋ كېلەر ھەپتە كۇئالا-لومپۇردا شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئەسلى يىغىن جەريانىدا ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئۆز ئارا سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچرىشىشنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
كويزۇمى، خىتاي تەرەپنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، " ئەگەر ئۇلار دىپلوماتىك كوزۇر ئوينىماقچى بولسا بۇ كوزۇرنىڭ ۋاقتى ئۆتتى " دەيدۇ. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھى مەسىلىسىگە ئېسىلىۋېلىشىنى " بىر باھانە" دەپ قارىماقتا.
لىي جاۋشىڭ يىغىن جەريانىدا ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئويى يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ياپونىيىنى ئىما قىلىپ، "كىشىلەر 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن زىتلىشىش ھەرىكىتى ياپونىيىنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنى كۈچەيمەكتە. (ئەركىن)