يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنىيىگە بېرىدىغان تەبىئىي گازنى رەسمى قىسقارتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ پەقەت ئۇكرائىنىيە خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمىيەتنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ مەزكۇر گازنى كېسىۋېتىش قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېنېرگىيىنى سىياسىي قورال قىلىپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ۋاشىنگتوننىڭ موسكۋانىڭ ئۇكرائىنىيىگە قاراتقان بۇ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى شۇنىڭدەك رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيىنىڭ مەسىلىگە نىسبەتەن ئورتاق كېلىشىم لايىھىسى ھاسىل قىلىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە ياۋروپانى گاز بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ 25 % رۇسىيىدىن كېلىدۇ شۇنىڭدەك ئۇكرائىنىيە ئارقىلىق توشىلىدۇ. شۇڭا رۇسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىۋاستە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى تەبىئىي. ئۇكرائىن رەھبىرى ۋىكتور يۇشېنكو رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە ئارىسىدىكى گاز مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇكرائىنىيىنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇكرائىنىيىنىڭ رۇسىيىگە ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)