دۇنيا مەتبۇئاتچىلار جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى
2006.02.02
خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى فۇجيەنلىك مۇخبىر لى چاڭچىڭغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەندىن كېيىن، مەركىزى پارىژدىكى دۇنيا مەتبۇئاتچىلار جەمئىيىتى ۋە دۇنيا تەھرىرلەر جەمئىيىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
فۇجيەنلىك مۇخبىر لى چاڭچىڭ فۇجۇۋدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىكىگە دائىر ماقالە يازغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى " كىشىلەرنى دەككە - دۈككىگە سالىدىغان ئۇچۇرلار تارقىتىش" بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ئىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى بۇ ئەيىبلەشنى " قورقۇنچلۇق بۆھتان " دەپ ئاتىغان ئىدى. دۇنيا مەتبۇئاتچىلار جەمئىيىتى بىلەن تەھرىرلەر جەمئىيىتى جۇڭگو ئۇچۇر ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىغا يازغان خېتىدە، خىتاي دائىرىلىرىنى لى چاڭچىڭنى كىشىلەرنى دەككە - دۈككىگە سالىدىغان يالغان تېررورلۇق ئۇچۇرلار" نى تارقىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
مەركىزى نيۇ - يوركتىكى مۇخبىرلار نى قوغداش تەشكىلاتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن لى چاڭچىڭنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىر مۇخبىرغا كىشىلەرنى دەككە - دۈككىگە سالىدىغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ھۆكۈم ئېلان قىلىش، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىبلىدى
- "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" خىتاينى ئەيىبلىدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ جاۋ يەنگە مۇكاپات بەرگەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈردى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى
- خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىدە دۇنيا بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 9 - ئورۇندا تۇرىدۇ