ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا ئىشلار كومىتېتى رەئىسى ھېنرى ھايد (Henry Hyde) پەيشەنبە كۈنى خىتاينى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە ۋە ئىراندىكى يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېنرى ھايد سۆزىدە، "خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە يېتەرلىك تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. ھەتتا خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىبىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلدى" دەپ بىلدۈرگەن.
ھېنرى ھايد سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن سىرت، خەتەرلىك ھاكىمىيەتلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەجەللىك قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى ھېنرى ھايدنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى "خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى ۋە جەمئىيەت سىستېمىسىغا قىلىنغان بىر غەرەزلىك ھۇجۇ" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە، " ھېنرى ھايدنىڭ سۆزلىرى پۈتۈنلەي مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەمدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا قولغا كەلتۈرگەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا تامامەن قارشى بولدى. شۇنداقلا بۇ يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا زىيانلىقتۇر" دەپ كۆرسىتىلگەن.
ھېنرى ھايد سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېھراندا تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىبىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئەيىپلىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- خىتاي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئىران، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى
- ئىران يادرو مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- ئامېرىكا مەتبۇئاتى، خىتاينىڭ ئىرانغا باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ئىكىسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى