ئازەربەيجان ب د ت دىن ناگارنو-قاراباغ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى
كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ناگورنو-قاراباغ مەسىلىسى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىلماقتا. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئازەربەيجان يېقىندا ب د ت غا ناگورنو-قاراباغ مەسىلىسى ھەققىدە قارار لايىھىسى يوللاپ، بۇنى بۇ يىل 9 - ئايدا ئېچىلىدىغان ب د ت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ، ھازىر ئەرمىنىيە كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ناگورنو-قاراباغ رايونىنى ئەزەربەيجاننىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە سىياسەتشۇناسى سارىن ئەپەندى ناگارنو-قاراباغ مەسىلىسى رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇش، ئۇنى كوسوۋا مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش مەسىلە دەپ قاراشقا بولمايدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، ناگارنو -قاراباغ رايونى ئىسلام دىنىدىكى ئەزەربەيجاننىڭ بىر ئاپتونوم ئوبلاستى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىكى نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئورتادوكىس دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرمىنىيىلىكلەر تەشكىل قىلاتتى. 1988 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا، بۇ رايوندىمۇ توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. 1991
- يىلى بۇ رايوندا پۈتۈن خەلق ئاۋاز بەرگەندە، ناگارنو-قاراباغ رايونىنىڭ ئازەربەيجاندىن ئايرىپ مۇستەقىل بولۇشىنى قۇۋەتلەيدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئازەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا ئەرمىنىيە يېڭىپ چىقىپ، ناگورنو-قاراباغ رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن بولۇپ جەمئى 7 جاينى كونترول قىلدى.
شۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا 25 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، تەخمىنەن 10 مىڭ ئەزەربەيجانلىق مۇساپىر بولدى. 1994 - يىلى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ھازىر ئازەربەيجان غەرب ئەللىرىنى ياقلايدۇ، ناتوغا ئەزا بولۇپ كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ. ئەرمىنىيە بولسا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدۇ، ئەمما رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇشنى ۋە رۇسىيىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋېيتنامدا خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالماقتا
- باكۇ - تىبلىس- قارس تۆمۈر يولى 2008 - يىلى پۈتىدۇ
- ئىراقتا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 26 كىشى ئۆلگەن
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇرۇشچى ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى
- بۇش ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى
- " تالىبانلار خىتاينىڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ"
- لىۋان ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن ئىسلامىي كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئىراقتىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددى ھالەتتە تۇرماقتا
- ئامېرىكىنىڭ جەڭچى روباتلىرى ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتناشماقتا
- خىتاي : ئىراقتا بايقالغان خىتاي قوراللىرى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- ئافغانىستاندا 45 پۇقرا ھاۋا ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ئۆلدى
- ئىراق ۋە ئافغانىستانلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا