خىتاي، فالۇنگۇڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىنسان ئورگانىزىمى تىجارىتى ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلدى
2006.03.28
خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانىزىمىنى سېتىش سودىسىغا ئارىلاشقانلىقىنى ۋە بۇ سودىنى قوللىغانلىقىنى رەت قىلدى. لېكىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانىزىمىنى كۆچۈرۈش ۋەقەلىرى "بىر قانچە دىلو" بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
فالۇنگوڭنىڭ ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان "يېڭى ئېرا گېزىتى ،" شىنياڭ شەھىرىدىكى سۇجياتۇن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا 6000 نەپەر فالۇنگۇڭ مۇرىتىنىڭ قامالغانلىقىنى ۋە بۇ لاگىردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىچكى ئورگانىزىمى چىقىرىۋېلىنىپ جەسىدى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
فالۇنگۇڭ تەرىقىتى 90 - يىللاردا خىتاي بويىچە مودا ئېقىمغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 1999- يىلى بۇ تەرىقەتنى خۇراپىي مەزھەپ، دەپ چەكلىگەندىن كېيىن خىتاي بويىچە باستۇرۇلۇش ئوبىكتىغا ئايلاندى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئالىي دەرىجىلىك نازارەتچىسى مانفرىد نوۋاكنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر قاتارىدا خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ تەن جازاسى بىلەن قىينايدىغان ئوبىكتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
لېكىن، چىن گاڭ فالۇنگۇڭنىڭ بۇ بايانلىرىنى "جاۋاب بېرىشكە ئەرزىمەيدىغان بىمەنە يالغانچىلىق ۋە ھېچكىم بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ " دېدى. خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان مەھبۇسلار سانى، دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمى سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، دەپ قارالماقتا. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنىدىغان كىشىلەر 10 مىڭغا يېتىشى مۈمكىن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ساننىڭ 15 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئارگىنتىنادا فالۇڭگۇڭچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- سابىق شېنياڭ ئەدىلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەن گۇاڭشېڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ئەيىبلىدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىپلىدى
- توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ فالوڭ گوڭ جەمىيىتى توغرىسىدىكى قارارى تەنقىد قىلىندى