ئامېرىكا خىتاينى "سۇجياتۇن ۋەقەسى" ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى


2006.04.03

فالۇنگۇڭ تەرىقىتى خىتاي دائىرىلىرىنى شىنياڭنىڭ "سۇجياتۇن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى"دا فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقە ئۆستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاسدام ئەرەلىي ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گەرچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ ۋەقە ئۈستىدىن ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پايدىلىق، دەپ قارايدۇ، دېدى. ئەرەلىينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بۇ خىل ئۇچۇرغا ناھايىتى جىددىي مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇ، ھازىرغىچە بۇ ۋەقە تېخى ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بىلدۈردى.

فالۇڭگۇڭ تەرىقىتى يېقىندا سۇجياتۇندىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا 6000 نەپەر فالۇنگۇڭ مۇرىتىنىڭ قامالغانلىقىنى ۋە تۈرمە باشقۇرغۇچىلىرى ئۆلگەن فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى " خالىغانچە توقۇپ چىقىلغان يالغانچىلىق " دەپ رەت قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.