خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئاق سارايدىكى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنى بۆلگەن فالۇنگوڭچى ئايال چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا سوتقا تارتىلدى. بۇ ئارىدا سوت سىرتىدا ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، سوتنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
47 ياشلىق دوختۇر ئايال ۋاڭ ۋېنجى 20- ئاپرىل كۈنى ئاق ساراي ھويلىسىدا خۇ جىنتاۋ سۆزىنى باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ يۇقىرى ئاۋازدا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن سوتتا ئۇنىڭغا " بىر چەتئەل ئەمەلدارى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا ۋەھىمە سالغان ۋە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغان" دېگەن ئەيىبلەش چۈشكەن.
ئەگەر بۇ ئەيىبلەشلەر تۇرغۇزۇلسا، ئۇ ھالدا ۋاڭ ۋېنجى 5000 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلەشكە ھەمدە 6 ئاي تۈرمىدە يېتىشقا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. بۇ ئايال ئۈستىدىكى سوت 18- ماي كۈنى يەنە داۋام قىلماقچى. سوت سىرتىدا نامايىش قىلىۋاتقان 30 نەچچە كىشى " ۋاڭ ۋېنجى جىنايەتچى ئەمەس" دەپ توۋلاشتى ھەمدە ئەسلىدە سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
فالۇنگوڭ مۇرىتى بولغان ۋاڭ ۋېنجى خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىۋاتقاندا خىتايچە، " فالۇنگوڭنى باستۇرۇشنى توختات"، " سېنىڭ ۋاقتىڭ توشۇپ قالدى" ، " سېنىڭ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ھاياتىڭدا يەنە ئۆزەڭگە قايتىدۇ" دەپ توۋلىغان. نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم دېموكراتچىلار بۇ ئايالنى " قەھرىمان" دەپ سۈپەتلىمەكتە.(پەرىدە)