خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى فالۇنگۇڭ تەرىقىتىنى " جۇڭگوغا قارشى سىياسىي گۇرۇھ" دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئاق سارايدىكى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا فالۇنگۇڭ مۇرىتى تەرىپىدىن نارازىلىققا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، لېكىن ھۇجۇم نىشانىنى فالۇنگۇڭغا قاراتتى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 20 - ئاپرىلدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچرىشىش ۋەقەسى ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالغان. لېكىن خۇ جىنتاۋ ئاق سارايدىكى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلىۋاتقاندا مۇخبىرلار قوشۇنىدىكى بىر فالۇنگۇڭ مۇرىتى ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ۋەقەگە بولغان پىكىرىنى ئامېرىكا تەرەپكە يەتكۈزگەن. ئۇ، " بۇ ۋەقە فالۇنگۇڭ تەرىقىتىنىڭ بىر خۇراپى گۇرۇھ بولۇپلا قالماي، جۇڭگوغا قارشى سىياسىي مەقسەدلىك تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى " دەيدۇ. چىن گاڭ فالۇنگۇڭنى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
لېكىن فالۇنگۇڭ تەرىقىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى باياناتچىسى شا رۇنشۈي، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. ئۇ، " مېنىڭچە فالۇنگۇڭنىڭ بىر مەنىۋىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ياخشى تىپتىكى بەدەن مەشىقى ۋە ھېچكىمنىڭ سالامەتلىكى ھەم تەپەككۈرىگە تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ " دەيدۇ. ئۇ، فالۇنگۇڭنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. (ئەركىن)