ئامېرىكا خەلقى سابىق پرېزىدېنت فوردقا ماتەم تۇتتى
2006.12.31
مىليونلىغان ئامېرىكا خەلقى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى گېرالد فوردقا ماتەم تۇتتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا شەنبە كۈنى دۆلەتلىك ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سابىق پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت بايرىقى يېپىلغان جەسىتى دۆلەت مەجلىس بىناسىنىڭ چوڭ زالىدا سەيشەنبە كۈنىگىچە قويۇلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتلىك چوڭ چېركاۋغا ئېلىپ بېرىلىپ، ماتەم مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن چارشەنبە كۈنى مىچىغان شىتاتىدىكى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنىدىكەن.
پرېزىدېنت بۇش سەيشەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ماتەم بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
سابىق پرېزىدېنت فورد ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى كالىفورنىيىدە ۋاپات بولغان بولۇپ، بۇ يىل 93 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ، 70-يىللاردا ۋېتنام ئۇرۇشىنى توختىتىش بىلەن ئامېرىكا ۋە خەلقئارادا زور شۆھرەت قازانغان. فورد ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پرېزىدېنتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)