ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى فوردنىڭ ئىش ئىزلىرى خاتىرىلەندى

بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى گېرالد فورد ئەپەندى ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى ئۆز يۇرتى بولغان مىشىگىن شتاتىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت مۇزىيىدىكى شەخسىي قەبرىگاھىغا دەپنە قىلىندى. 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئامېرىكىنىڭ 38 ‏- قېتىملىق پرېزىدېنتى گېرالد فورد ئەپەندىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ھازىرقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ھايات سابىق پرېزىدېنتلەردىن كارتېر، بۇش، كلىنتونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

كەمتەر، ئاددى -ساددا، راستچىل پەزىلەتلىك فورد ئەپەندى گەرچە ئاران ئىككى يېرىم يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قوراللىرىنى كونترول قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرى تۈزۈپ سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان قارا تەنلىكلەرنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىنى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى نامايان قىلغان ئىدى. ئۇ دۆلەت ئىچىدە سابىق پرېزىدېنت نىكسوننىڭ سىياسىي ھەۋەسلىرىنى ئەيىبلەشنى كەچۈرۈم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، 1976 ‏- يىلىدىكى سايلامدا دېموكراتلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلغان بۇ مەشھۇر تۆھپىسى ئالاھىدە خاتىرىلەندى. (ۋەلى)