فرانسىيە پرىزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ


2004.10.03

پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان فرانسىيە پرىزىدېنتى جاك شىراك، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەسكەرتىدۇ. بىراق ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئىھتىياتچانلىق بىلەن يەتكۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىراكنىڭ ياردەمچىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، فرانسىيە پرىزىدېنتىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە باشلىنىدۇ. ئۇ كونا ئادىتى بويى بۇ قېتىممۇ خىتاي دائىرىلىرىگە كىشىلىك ھوقۇقنى خاتىرىلىتىشى مۈمكىن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ باشلىرى فرانسىيە پرىزىدېنتىنىڭ 8 - ئۆكتەبىردىن 12 - ئۆكتەبىرگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ خىتايدىكى جەرىيانىدا فرانسىيە مەدىنىيەت يىلى پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ. شىراكنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئۇنىڭ ئاسىيادىكى 3 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى.

ئۇ خىتايغا كېلىشتىن بۇرۇن سىنگاپور بىلەن ۋېيتنامنى زىيارەت قىلىدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىراك بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەييارلىغان خىتاي تۈرمىسىدىكى بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى مۈمكىن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىنى، ئەكسىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جاك شىراكنىڭ تىزىملىكىدە ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئىسمى بار يوقلىغى تېخى مەلۇم ئەمەس، ئامما نورۋېگىيەدىكى رافتو فوندى جەمىيىتى يېقىندا بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتىنىڭ رابىيە قادىرغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.