فرانسىيە پرېزىدېنتى شىراك، خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى


2004.10.05

فرانسىيە پرېزىدېنتى شىراك، 8 كۈنلۈك ئاسىيا سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى سىنگاپۇردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋېتنامدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرۇ -ئاسىيا دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قاراتقان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاي بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان، فرانسىيە خىتاينىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى 4 چوڭ شېرىكىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

شىراكنىڭ باياباتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىراك خىتاي تەرەپ بىلەن يادرو ئېنېرگىيىسى قاتناش، ئاۋىئاتسىيە ۋە يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەر بويىچە سودا ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشنى مۇزاكىرىلىشىدىكەن.

شىراك بۇ قېتىمقى زىيارىتى داۋامىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.