فرانسىيە پرىزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلدى
2004.10.08
فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك جۈمە كۈنى كەچتە خىتايدىكى تۆت كۈنلىك زىيارىتىنى باشلىدى. فرانسىيەلىك كۆزەتكۈچىلەر، جاك شىراكنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئالدىنقى مەقسىتى فرانسىيە كارخانىلىرىغا خىتاي بازىرىنى ئېچىش، فرانسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ قارىماقتا. شىراك زىيارەت جەريانىدا خىتايغا قىممىتى 8 مىليارت دوللارلىق تۆت دانا يادرو رىياكتور قازىنى قۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. فرانسىيە پرېزىدېنتى خىتايدىكى جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگۇسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە قويىلىدۇ. جاك شىراك خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلاشنىڭ سەل ئالدىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قورال - ياراق ئىمبارگۇسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ، 15 يىللىق ئىمبارگونىڭ تايىنى قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ب ب س مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگۇسى بىكار قىلىنسا، فرانسىيە قورال - ياراق شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىلىدىكەن. بىراق خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىش ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلماسلىققا ئۈندىمەكتە. تەيۋەنمۇ خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگۇسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 1989 - يىلى تيەن ئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى باستۇرۇشىدىن كېيىن خىتايغا قورال - ياراق ئىمبارگۇسى قويغان. فرانسىيىلىك زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىراك بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئۇ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغان سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىنى ھازىرلىغان. (ئەركىن)