فرانسىيە ئېنگىس شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە شىركەت قۇردى


2007.05.24

دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ غەيرىي رەڭلىك مېتال كانچىلىق شىركەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان فرانسىيە ئېنگىس شىركىتى، 23 ‏- ماي كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە ، ئېنگىس شىنلۇڭ ۋېرمىكۇلىت شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ۋە ئېنگىس يىلۇڭ ئاندالۇزىت شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال ھېسابلىنىدىغان ۋېرمىكۇلىت ۋە ئاندالۇزىت زاپىسى خىتاي بۇيىچە 1 ‏- ئورۇندا بولۇپ، بۇ خىل بايلىق ئەۋزەللىكى چەتئەل كاپىتالىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغان. شۇڭا ئېنگىس شىركىتى، كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە زور مەبلەغ سېلىپ، ئېنگىس شىنلۇڭ ۋېرمىكۇلىت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئېنگىس يىلۇڭ ئاندالۇزىت چەكلىك شىركىتىنى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ۋېمىكۇلىت ۋە ئاندالۇزىت پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، چەتئەل كاپىتاللىرىنى بۇ زېمىنغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرماقتا . ئۇلار بىر تەرەپتىن چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېنچ ۋە بىخەتەر ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى خەلقئاراغا تېررورچىلىق ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، چېگرا ئاتلىغان تېررورلۇق ھەركەتلىرىگە زەربە بېرىش دېگەن نام بىلەن " ئوتتۇرا ئاسىيا ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىق مەركىزى" نى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىچۈەن شەھىرىدە قۇردى.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.