فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى خىتاينى زىيارەت قىلدى

25- نويابىر كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلاپ، شىئەندىكى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى ھەمدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ساركوزى خۇجىنتاۋنىڭ تەكلىپى بويىچە بېيجىڭدىكى دىئاۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى رەھبەر ئارىسىدىكى رەسمىي سۆھبەت دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىكەن بۇ فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىنىڭ فرانسىيىنىڭ پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تۇنجى خىتاي زىيارىتى بولۇپ، ئۇ خىتايدا ئۈچ كۈن بولىدۇ. ساركوزى بۇ جەرياندا خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى، سودا-سانائەتچىلەر ساھەسى بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىمەكچى.

ساركوزىنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا. ئۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى، خىتاي پۇلىنىڭ ياۋرو، دوللار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى ھەمدە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى شۇنىڭدەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال -ياراق ئېمبارگوسى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق كۈزەتكۈچىلىرى ساركوزىنىڭ سۆھبەتلىرىدە بۇ تېمىنىڭ ئورۇن ئېلىشى مەسىلىسىگە دىققەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالماي، پەقەت خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدىلا ئازراق تەكىتلەش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى پەرەز قىلماقتا.(ئۈمىدۋار)