8 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى شوتلاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

8 چوڭ سانائەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى 7 - ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى، شوتلاندىيىنىڭ گېلىنىئېگلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 8 دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، گېلىنىئېگلېس شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، نامايىشچىلارمۇ مەزكۇر شەھەرگە توپلىشىپ بولغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى مۇھىت مەسىلىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت يىغىندا ئافرىقا رايونىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

يىغىن ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئەنگىلىيىدىكى سولچىلار تەشكىلاتى نامراتلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ساقچىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان. بىراق، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەنە بىر قىسىم تەشكىلات ۋە گۇرۇھلار 8 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. بۇ جەرياندا ساقچىلار 100 ئادەمنى قولغان ئالغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان 8 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىسى ۋە قانداق قىلىپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيادا مەۋجۇت بولۇۋاتقان زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىدىكەن.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى توني بېلەيېر بولسا، ئافرىقا سودىسى، ئافرىقىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 8 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى ئىكەن.

يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان قاتناشقاندىن سىرت، خىتاي، برازىلىيە، ھىندىستان، نېگىرىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن، 8 دۆلەت گۇروھىنىڭ يىغىنىدا سۆھبەتكە قاتنىشىدىكەن. (ئەقىدە)