خىتايدىن كەلگەن "سىرلىق گاز" ئەنقەرەدە تەشۋىش پەيدا قىلدى
2005.02.10
تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ بېيجىڭدىن ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرۇدۇرۇمىغا چۈشكەن يۈك ئايرۇپىلانىدىكى بىر خالتىدىن تەركىبى نامەلۇم بولغان گاز چىقىپ، يۈك توشۇۋاتقان ئىشچىلاردا باش ئاغرىش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ گۇمانلىق خالتا خىتايدىن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلگەن خالتا ئىكەن.
ئەنقەرەنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى ھاياتى سويلو بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلگەن بۇ گۇمانلىق خالتا سەۋەبىدىن، ئايرودۇرۇمدا جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ھەر ئىھتىمالغا قارشى، بۇ گۇمانلىق خالتىغا يېقىنلاشقان 43 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ، ئارىسىدىكى سەككىز كىشىنىڭ داۋاملىق كۆزىتىشكە ئېلىپ قېلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى.
تۈركىيە دائىرىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلگەن بۇ گۇمانلىق خالتىدىن چىققان پۇراقنىڭ سامساق يېغى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تەركىبى ئېنىقلىنىۋاتقان بولۇپ، جۈمە كۈنى نەتىجىسى چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئارزۇ)