ياپونىيە، بېيجىڭنىڭ خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز رايونىدا تەبىئىي گاز قېزىش پىلانى مەسىلىسىدە ساختىپەزلىك قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى. ياپونىيە سودا مىنىستىرى ناكاگاۋا، مەزكۇر پىلان ئىختىلاپ ئىچىدىكى خىتاي - ياپونىيە مۇناسۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن 30 - مايدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئېلىپ بارىدۇ. سۆھبەتنىڭ مەركىزى تېمىسى، شەرقىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار بولۇپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ مەزكۇر رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تەرەپ تالاش تارتىشتىكى يۇقىرىقى رايوندا تەبئىي گاز قېزىش پائالىيىتىنى باشلىغان.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان "ئېنېرگىيە ئاق تاشلىق كىتابى" دا، خىتاي تەرەپتىن تەبىئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتىنى قوختۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاي - ياپونىيە مۇناسۋىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بېرىقى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ياپونىيە سودا مىنىستىرى ناكاگاۋا، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن ياپونىيە بىلەن شەرقىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋېتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي دېڭىزدا تەبئىي گاز قېزىشنى باشلاش، "ئوڭ قولىنى كۆرۈشۈشكە تەڭلەپ،، سول قولىدا مۇشت ئاتقانلىقتۇر،" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ئۆتكەن ئايدا خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشلاردىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)