رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە گاز مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى


2006.01.04

چارشەنبە كۈنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە گاز باھاسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى بىرلىكتە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى بويىچە، "رۇسئۇكرېئېنېرگو" شىركىتى، ئۇكرائىنىيىنى رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئارىلاشما گېزى بىلەن تەمىنلەشكە ھەمدە ھەر مىڭ كۇپمېتىرىنىڭ باھاسىنى 95 دوللار قىلىپ بېكىتىشكە كېلىشتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ماجىرا ، رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىلگىرى ھەر بىر كۇپمېتىر گازنىڭ باھاسىنى ئەسلىدىكى 50 دوللاردىن 230 دوللارغا كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇنىڭغا غەرب دۆلەتلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلدى ھەمدە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا رۇسىيىنىڭ گازنى سىياسىي ۋاستىگە ئايلاندۇرىۋالغانلىقى تەنقىد قىلىندى.

قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى شەرىپجان نادىروۋ، رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنىيىگە بەرگەن گاز باھاسىنى ياۋروپاغا بەرگەن باھاسىغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.