جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئالتايغا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزماقچى


2006.07.10

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئالتايغا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ رۇسىيىدىن ئالتايغا تەبئىي گاز يۆتكەشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ ئالتارايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لى شياڭلىن، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئالتايغا تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبئىي گاز شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان رۇسىيە گازپروم شىركىتى خىتاي تەرەپ بىلەن تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا ۋە ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇناسۋەتلىك كېلىشىم لايىھىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلغان. تەرەپلەرنىڭ پات يېقىندا ئاخىرقى كېلىشىم لايىھىسىگە ئىمزا قويىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

لى شياڭلىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، گازپروم خىتايغا ئىككى تەبئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنى ياتقۇزۇشى ۋە بۇ ئىككى تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ غەربىي لىنىيىسى خىتاينى يىلىغا 68 مىليارد كۇپ مېتىر تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

خىتاي نېفىت تەبئىي گاز ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيىسى بۇيىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيمەكتە. خىتاي بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مايتاغ نېفىتلىكىگىچە تۇتىشىدىغان ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىنى ياسىغان ۋە بۇنىڭغا يانداش ھالدا قازاقىستان - خىتاي تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشنى پىلانلىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.