گېرمانىيىدە سوتسىيال دېموكراتلار، خرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈپ، خرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئانگېلا ماركېلنىڭ باش مىنىستىر بولۇشىنى قوبۇل قىلدى.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىرقى باش مىنىستىر شرۆدىر ماركېلنىڭ كابىنتىدا ۋەزىپە ئالماسلىقى مۇمكىن. كېلىشىم بويىچە، سوتسىيال دېموكراتلار ھۆكۈمەتنىڭ 8 مىنىستىرلىكىنى، خرىستىيان دېموكراتلار 6 مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بىلەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسىنى بېكىتىدىكەن.
تاشقى ئىشلار، مالىيە، ئەدلىيە، سەھىيە، مۇھىت، ئەمگەك، ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى سوتسىيال دېموكراتلارغا، دۆلەت مۇداپىئە، ئىچكى ئىشلار، ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك، مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرلىكلىرى خرىستىيان دىموكراتلارغا بېرىلگەن.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا شرۆدىرنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى 34 ٪ بىلەتكە، ئانگېلا ماركېلنىڭ خرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى 35 ٪ بىلەتكە ئېرىشكەن. ئەمما ھەر ئىككىلا پارتىيە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن يىتەرلىك بولغان سانغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر ماركېل ھۆكۈمەت قۇرسا ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، شرۆدىرنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىدىن چەتنەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)