خۇ جىنتاۋ شرېدۆر ۋە ماركىللار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2005.11.11
گېرمانىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، جۈمە كۈنى گېرمانىيىنىڭ بولغۇسى باش مىنىستىرى ئابگېلا ماركىل ۋە باش مىنىستىر گېرخارد شرېدۆرلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈپ، خىتاي - گېرمانىيە سىياسى ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.
ئەمما گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئانگېلا ماركىل سۆھبەت جەريانىدا خۇ جىنتاۋغا " قانۇننىڭ رولى" ۋە خىتايدا " ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش" نىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىدىن ئانگېلا ماركىلنىڭ مەسىلىنى " ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا، ئەمما چۈشۈنىشلىك قىلىپ" ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىگىللىگەن.
ئانگېلا ماركىل، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ماختاش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بارغانچە بىر رەقىبكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. خۇ جىنتاۋ بىلەن ماركىل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسى ھەققىدە توختالمىدى. ئەمما خۇ جىنتاۋ گېرخارد شرېدۆر بىلەن ئۇچراشقاندا شرېدۆر ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى قوللىغان.
شۇ كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىر بىناسىنىڭ ئالدىدا خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر، گېرمانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىپ 2 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
- خۇ جىنتاۋ ئەنگلىيىدە تونىي بىلېير بىلەن ئۇچراشتى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئەنگىلىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- خۇ جىنتاۋ ۋېيتنام پارلامېنتىدا سۆز قىلدى
- خۇ جىنتاۋ ۋېيتنام بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكچى