گېرمانىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
2005.09.19
گېرمانىيىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا خرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى ئاز كەم 1 % ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلدى. ئەمما ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن يېتەرلىك سانغا ئېرىشەلمىدى. بۇ ئەھۋال گېرمانىيە سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئېنىقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا ئانگېلا ماركىلنىڭ خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى سايلام بېلىتىنىڭ 35.2 % گە، شرىدۆرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى 34.3 % كە ئېرىشكەن. خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن يېتەرلىك سانغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ھازىرچە ھۆكۈمەتنى كىمنىڭ تەشكىللەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
سايلامدا ئازغىنا كەم ئاۋاز بىلەن 2 - لىككە ئېرىشكەن شرۈدۆر، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن يېتەرلىك بىلەتكە ئىگىلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ماركىل، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ماركىلنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ تېخىمۇ ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سايلام نەتىجىسى ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىغان.
كۆزەتكۈچىلەر، ماركىلنىڭ خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى ھۆكۈمەت تەشكىللىسە، شرۈدۆر ھۆكۈمىتىنىڭ " بېيجىڭپەرەس" سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)