گېرمانىيىدىكى تەشكىلاتلار، شرېدۆرنى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى
2004.12.07
ئۇيغۇر، تىبەت ، فالۇنگوڭ ۋە خىتاي دېموكراتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گېرمانىيىدىكى تەشكىلاتلار، گېرمانىيە باش مىنىستىرى گېرخارد شرېدۆرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرلىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ، شرېدۆرنى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى.
سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، گېرمانىيىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىنغا گېرمانىيىدىكى تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتلار ۋە فالۇنگوڭچىلار بىلەن بىرگە، مەركىزى ميۇنخېندىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھاد مۇھەممىدى ، باش كاتىپ ئۈمىد ئاگاھى قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.
يىغىندا ئۈمىد ئاگاھى، "شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلاردا ھاشار" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى مەھبۇسلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازالىرى ھەققىدە توختالغان.
يىغىندا ھەر قايسى تەشكىلاتلار، خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان گېرخارد شرېدۆرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ساھەدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
شرېدۆرنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان . ئۇ، سەيشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا شۇ كۈنى سودا ساھەسىدىكى ئەرباپلارغا سۆز قىلغان. (ئەركىن)