گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرويدېر خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى


2004.12.08

گېرمانىيە باش مىنىستىرى گېرخارد شرويدېر چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياپونىيىگە يېتىپ كەلدى.

شرويدېر خىتايدىن ئايرىلىش ئالدىدا چاڭچۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كونا سانائەت رايونلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتا ئۇلغايتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا ئۇ خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا يەنە، خىتاي بىلەن، 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى گېرمانىيىنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى خىتايغا سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش توختاملارغا قول قويۇشتى.

شرويدېر سەيشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇ خىتاينىڭ گېرمانىيىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ تەيىنلىنىشىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ھەمدە گېرمانىيىنىڭمۇ ياۋروپا بىرلىكىنى، خىتايغا قاراتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك جازاسىنى بىكار قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.