ئانگېلا ماركېل خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن


2006.05.19

ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركېل، ئىران يادرو پىلانى، خىتاي - گېرمانىيە ئىقتىسادى - سودا مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭشەش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۈمكىن.

ماركېل ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ۋە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان خىتاي زىيارىتىدە بېيجىڭ ۋە شاڭخەيلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ ماركېلنىڭ بۇنىڭدىن 6 ئاي ئىلگىرى گېرخارد شۆرىدۆردىن گېرمانىيە باش مىنىستىرلىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بېرى خىتاينى بىرىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر. ئۇ، زىيارەت جەريانىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئانگېلا ماركېل ئىلگىرى خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگو مەسىلىسىدە گېرخارد شۆرۈدۈرنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانىغا قارشى تۇرغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيە مەسىلىسىدە بېيجىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئىران يادرو مەسىلىسى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېما بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. گېرمانىيە تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىش ياكى ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىنى توغرا تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. لېكىن خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىنى رەت قىلىپ كەلدى.

خىتاي بىلەن گېرمانىيىنىڭ 2005 - يىلدىكى سودا سوممىسى 63 مىليارد دوللار بولۇپ، گېرمانىيە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقدىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېرمانىيە " شرۆدۈر دەۋرىدە خىتاينى تەنقىد قىلىش ياكى ئۇنىڭ بېسىم ئىشلىتىشدىن ئۆزىنى قاچۇرغاچقا خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن " . ئانگېلا ماركېل ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ماركېل خىتاي - گېرمانىيە ئىقتىسادى - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ سىياسەت تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.